ئۇيغۇر 12 مۇقامى ب د ت نىڭ مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى


2005.11.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 25 -نويابىر كۈنى پارىژدىكى باش شىتابىدا "ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددىي مىراسلىرى" تىزىملىكىگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 3-تۈركۈم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىككە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئەت مىراسلىرىدىن بولغان "12 مۇقام" مۇ كىرگۈزۈلدى.

"ئۇيغۇر 12 مۇقامى" ناخشا-ئۇسۇل ۋە مۇزىكا بىرلەشكەن ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلىنى ئالغان بولۇپ، "12 مۇقام" نىڭ مۇزىكا ئىپادىلىرى ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى 19 دۆلەت ۋە رايونلارغىچە تارالغان.

ب د ت مائارىپ، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1998 -يىلى مەزكۇر " ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددىي مىراسلىرى" تۈرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ ماددىي بولمىغان مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك، يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ھەمدە ئۇنى 10 يىلنىڭ ئىچىدە قۇتۇلدۇرۇۋېلىش پىلانىغا ئېلىنىدىغان ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددىي مىراسلىرى كىرگۈزۈلىدۇ.

مەزكۇر تىزىملىككە "ئۇيغۇر 12 مۇقامى"دىن باشقا يەنە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاغزاكى مەدەنىي مىراسلاردىن 42 سى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ ئۇزۇن پەدىلىك خەلق ناخشىسىمۇ بۇنىڭدىن ئورۇن ئالغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.