ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى ئۆزبېكىستاندا ئويۇن كۆرسەتمەكچى
2006.07.28
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇقام ئانسامبىلى 29 ۋە 30 - ئىيۇل كۈنلىرى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى تۈركىستان سارىيىدا ئويۇن كۆرسەتمەكچى. بۇ قېتىمقى كونسېرت كېچىلىكى ئۆزبېكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى، جۇڭگو چەتئەل مەدەنىيىتى جەمئىيىتى، ئۆزبېكىستاندىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى، تاشكەنت ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قاتارلىق ئورگانلار ۋە ئۆزبېكىستاندىكى بىر قىسىم خىتاي شىركەت ۋە رېستۇرانلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.
بۇ پائالىيەت شۇ كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلماقتا بولغان جۇڭگو مەدەنىيەت كۈنى بايرىمىنىڭ بىر قىسىمى بولۇشى مۇمكىن. خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ئاينىڭ 21 - كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۆزبېكىستاندا جۇڭگو مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. جۇڭگو مەدىنىيەت بايرىمىنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە 28 - ئىيۇلدىن باشلاپ 10 كۈنگىچە جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىغا خەن جېڭتاڭ، ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرلەر يىتەكچىلىك قىلغان.
ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەنئەتچىلەر ئۆزبېك تاماشىبىنلارغا 12 مۇقامنىڭ مەشرەپ قىسىمىنى، كوللىكتىپ ۋە يالغۇز كىشىلىك ناخشا - ئۇسۇللار ھەم زۇنۇن قادىرنىڭ " غۇنچەم" دراممىسىدىن پارچىلارنى ئورۇندايدىكەن.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ يىل كىرگەندىن بېرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنى كۈچەيتمەكتە. بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىنىي زات ھۈسەنجان جېلىلنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆزبېكىستانغا كەينى - كەينىدىن ئاممىۋىي ئۈمەكلەرنى ئەۋەتىشكە باشلىدى. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر سودا- سانائەتچىلەر ئۆمىكى تاشكەنتنى زىيارەت قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كانادا باش مىنىستىر ياردەمچىسى ھۈسەنجاننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بارماقچى
- مەكىت خەلق ئارتىستلىرى دولان خەلق ناخشىلىرىنى ئەنگلىيىدە ئورۇنلىماقچى
- ئۇيغۇر دولان مۇقامى ۋېنادا كۆرسىتىلمەكچى
- ئۇيغۇر 12 مۇقامى ب د ت نىڭ مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
- مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئېچىلماقچى