خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلى ئارتىستلىرى 8 - ئاۋغۇست كۈنى تەيۋەنگە بېرىپ ئۇيۇن قويۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە ئىكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي مەدەنيەت ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا ، مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن چەتئەللەرگە بېرىپ ئويۇن كۆرسىتىشى، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، ئۈتكەن يىلى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ، ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددى - مەدەنيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، بۇ جەھەتتىكى پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىشى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايەن قىلىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن دەپ قارايدىكەن.
12 مۇقام، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، 12 مۇقامنىڭ قېزىلىپ رەتلىنىپ، بۈگۈنكى دەۋىرگە يېتىپ كېلىشى، سەئىدە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرىشىتخان، مۇقامشۇناس، شائىر قىدىرخان ۋە خانىش ئاماننىساخانلارنىڭ تىرىشچانلىقى، مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇرداخوننىڭ ۋارىسلىقىدا ساقلانغان ۋە 1956 - يىلى نوتىغا ئېىنغان.
مۇقام ئانسامبىلى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە، ئىككى مەيدان ئويۇن كۆرسىتىپ، 12 مۇقامنىڭ پارچىلىرىنى ئورۇنلىغان ئىدى.
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە ، مۇقام ئانسامبىلى ئارتستلىرىنىڭ، بۇ قېتىم تەيبېي شەھىرىدە "چەبىيات مۇقامى" نى ئاساس قىلىپ، 19 مەيدان نومۇر كۆرسەتكەندىن سىرت، تەيۋەن سەنئەت ساھەسىدىكى مۈتەخەسسىسلەر ۋە ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن مۇخبىرلار بىلەن 12 مۇقام ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. (ئەقىدە)