مۇقام تەتقىقاتىدىكى يېڭى يۈزلىنىش
2006.10.11
'شىنخۇا تورى'دىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچىدە ئۆكتەبىردە باشلانغان ساياھەت ھەپتىلىكىدە گېرمانىيە، فرانسىيە، تۇنىسىيە، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكستان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ياپونىيە، خىتاي قاتارلىق 9 دۆلەتتىن كەلگەن 75 نەپەر مۇزىكا، ئۇسۇل، ئەدەبىيات مۇتەخەسسىسلىرى توپلىنىپ، ھەممىسى بىردەك ئاۋاز قوشۇپ مۇقامشۇناسلىق' ئىلمىنى تىكلەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر خەۋەردە ئۇيغۇر دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئالماسلىققا تىرىشىپ، ئاسىيا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كەڭ تارقىلىپ كېلىۋاتقان، ياۋروپاغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن مۇقامنى توپلاش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، نەشر قىلىشنى كۈچەيتىش لازىملىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەر بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ مۇقام تەتقىقاتى جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇقام رايونلىرى، مۇقام مىللەتلىرى ئارىسىدا قانات يايىدىغان مۇقام تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دولان مۇقامى دەۋرىمىزگە كەلگەندە نېمە ئۈچۈن يوقاپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالدى؟
- دولان مۇقاملىرىنىڭ ساقلىنىشىدا ۋارىسلار كەمچىل بولماقتا
- مۇقام ئانسامبىلى ئارتىستلىرى تەيۋەندە 12 مۇقامنى ئورۇنلاش تەييارلىق كۆرمەكتە
- ئۇيغۇر مۇقامى ئۆزبېكىستاندا كۆرسىتىلدى
- ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى ئۆزبېكىستاندا ئويۇن كۆرسەتمەكچى