خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، تۇرپان مۇقامى تەتقىقات لايىھىسى خىتاي دۆلەتلىك مىللىي مەدەنىيەت تەتقىقات پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ 11 نەپەر مۇتەخەسسىسى مەزكۇر تەتقىقات لايىھىسىنى زىممىسىگە ئالغان .
مەزكۇر ئالىملار تۇرپان مۇقامىنى پەلسەپە، تەپەككۈر، ئېستېتىكا، مۇزىكا، ئۇسۇل، تېكىست ھەم قاپىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن تەتقىق قىلىشنى پىلانلىغان ئىكەن. مەزكۇر تەتقىقات پىلانىنىڭ ۋاقتى ئىككى يىل بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
نۆۋەتتە، يەنە تۇرپاندا خىتاي بويىچە تۇنجى "مۇقام ۋارىسلىرى مەركىزى" قۇرۇلۇپ، مۇقام ۋارىسلىرى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلغان. تۇرپان مۇقامى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ بىر يەرلىك تارمىقىدىن ئىبارەتتۇر.
مۇقام ئاسىيا ئەللىرىدىكى بىر قىسىم خەلقلەر ئارىسىغا تارقالغان ئۆزگىچە بىر يۈرۈش ناخشا-مۇزىكا بولۇپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگىدۇر.
ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق مۇقام يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، خىتاي ئالىملىرى مۇقامشۇناسلىق ئىلمىنى تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇقاملىرى جۈملىدىن خەلقئارالىق مۇقام تەتقىقاتىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئۈچۈن بەلگىلىك مەبلەغ ئاجراتماقتا ۋە مۇقام تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە. (ئۈمىدۋار)