خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى مۇقىملىقىدىن ئەندىشە تۇيماقتا


2004-10-14
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپ ساھەسىدىكى مۇقىملىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئاساسى دەپ تونۇپ، مائارىپ ساھەسىدىكى مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتماقتا.

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپ ساھەسىدىكى مۇقىملىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە پارتكوم سېكرىتارلىرىنى يىغىپ سىياسىي تەربىيە كۇرسى ئاچقان.

سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇربەكرى :"مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇقىملىقى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شوڭا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت دەپ ئىشلەش كېرەك"ـ دىگەن.

ئۇ يەنە 320 مىڭغا يېقىن زىيالىنىڭ مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ زىيالىلار سېپىنىڭ "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

نۇربەكرىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى مۇقىملىقنى تەكىتلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللىي مائارىپ ساھەسىدە، مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى كەيپىياتلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تۇيىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ قارالماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت