قۇربان ھېيتنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا "ئۈچ خىل كۈچ" كە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، خەلق ئارىسىدا جىددىي كەيپىيات ياراتماقتا.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسى يېقىندا ھەر 10 ئائىلىلىكنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ تەشكىللەپ، ئۆز- ئارا نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورناتقان ھەمدە ئۇلار ئارىسىدا، "ئۈچ خىل كۈچ" نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىمۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەربىيلىكتىن چىكىنگەنلەر ۋە بىر قىسىم ئاكتىپ دېھقانلاردىن 1200 گە يېقىن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەپ، ئۈچ خىل كۈچنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان. ھەمدە گۇرۇپپىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلغان. يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر، يېزىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەن جىددىلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن سىرت، غۇلجا شەھىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن قوراللىق ساقچىلار بىرلىشىپ، چارلاش ئەترىتى تەشكىللىگەن ۋە پەۋقۇلاددە بىر ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېڭى يىلدىن بۇيان 24 سائەت چارلاش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم باش سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن بۇنىڭ ئالدىدا ھەر قايسى ئورگانلارغا "ئۈچ خىل كۈچ" گە قارشى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق بەرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى "ئۈچ خىل كۈچ" گە ئېنىق ئېنىقلىما بەرمەستىن، دىنىي ۋە سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ باستۇرۇپ كەلمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا خەلق ئارىسىدا جىددىي كەيپىيات پەيدا قىلىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ھېيت ئۆتكۈزىشىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى. (ئارزۇ)