خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-بازارلىق پارتكوملاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى تەكىتلىمەكچى


2005.11.23

19-ۋە 20- نويابىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا-بازار دەرىجىلىك تەشكىلات قۇرۇلۇشى خىزمەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن يېزا-بازارلىق پارتكوملاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى ئالاھىدە تەكىتلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا يەنە، مەركەزنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، كېلەر يىلى ئاپتونوم رايون، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە ھەمدە يېزا-بازاردىن ئىبارەت 4 دەرىجىلىك پارتكومنىڭ 4 پەسىلدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئېلىپ بارىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يوڭ يىغىندا، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق تەربىيىسى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، يېزا-بازارلىق پارتكوملاردىكى كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي ساپاسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاجىز چېچىلاڭغۇ كادىرلار سېپىنى رەتلەش ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا مەلۇم بولىشىچە يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە ئورۇنلىرى يېزا-بازارلىق پارتكوملارنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ھەر يىلى ئۇلارغا 30 مىليون يۈئەن ياردەم پۇلى بېرىدىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.