رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى چەتئەل دۈشمەن كۈچلەرگە، دىنى ئەسەبىيچىلەرگە ۋە تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ "توپىلاڭ" لارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىشقا ئۈندىدى.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ توربىتىدە خىتاي مىنىستىرى جۇ يۇڭكاڭنىڭ نۇتۇقىدىن نەقىل كەلتۇرۇشىچە، بۇ ھەرىكەت ئىناقلىقنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەن.
جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دېگەن: " بىز چوقۇم چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ، مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىيچى، تېررورچى ۋە بىدئەت فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ يوشۇرۇن ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ۋە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك".
رويتېرس مۇخبىرىنىڭ قارىشىچە،خىتاي يۈرگەزمەكچى بولغان بۇ ھەرىكەت، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى مۇستەقىلچى ئۇيغۇرلارنى، تىبەتنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لامانى ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىلچى پرېزىدېنتى چېن شۈيبنيەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
جۇ يۇڭكاڭ يەنە مۇنداق دېگەن: " ساقچىلار چوقۇم ئوخشىمايدىغان گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ماجرالارغا تاقابىل تۇرۇشى كىرەك ۋە توپىلاڭلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش كىرەك " .
يېقىندىن بىرى خىتايدىكى يېزا-قىشلاقلاردا كىرىمىدىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلى باي-كەمبەغەللىك پەرقى ھەسسىلەپ ئۆرلىدى، بۇ خىل پەرق نامايىش ۋە توپىلاڭلار كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان.
خىتاي جەمئىيىتىدە كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان تاپاۋەتتىكى پەرقنى ئازايتىش 750 مىليون نامرات دېھقاننىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىتاي ھۆكۈمىتى يۈزلىنىۋاتقان نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن . (جۈمە)