نۇر بەكرى : سىياسىي مۇقىملىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك
2008.01.15
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 15 - يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى مەزكۈر يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، مەزكۈر قۇرۇلتايدا سۈز قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى نۇر بەكرى" تارقاق ھەج پائالىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى كۈچەيتىش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" نى ئالاھىدە تەكىتلەپ، " قوش تىللىق مائارىپ " ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئىزچىل كۆپەيتىش، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتىنى تېخىمۇ زور كۆلەمدە ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا نۇر بەكرى تىلغا ئالغان مەسىلىلەر، دەل ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقان نازۇك مەسىلىلەر بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ": نۇر بەكرىنىڭ تارقاق ھەج قىلىش پائالىيىتىنى باشقۇرماقچى بولغانلىقى، دەل ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە بولالمايۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، "مۇقىملىقنى كۈچەيتىش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" شۇئارى، ئۇيغۇرلارغا قالپاق كىيدۈرۈپ ، ئۇلارنى قارىلاپ باستۇرۇش ، " قوش تىللىق مائارىپ" ئوقۇتۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى مائارىپىنى ۋە مەدەنيىتىنى يوق قىلىش مەقسىتىنى ئاشكارىلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس " .
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ۋەزىيەتتتىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن دىلشات رىشىت " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئەندىشىلەنگەن مەسىلىلەرنى ئەڭ كۆپ تەكىتلەيدۇ، نۇر بەكرى تىلغا ئالغان مەسىلىلەر ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق نۇقتىلار ھېسابلىنىدۇ، بىراق خەلقئارا جامائەتچىلىك ئۇلار تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى بىر مىللەت ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىتنىك قىرغىنچىلىق دەپ قارايدۇ، شۇڭا خىتاينىڭ زوراۋانلىق سىياسىتى ئۇزۇن بولمىغان مۈددەتتە بىتچىت بولىدۇ " دېدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىي بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
- ۋاڭ لېچۈەن، مۇقىمسىزلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا جىددىي مەسىلە، دېدى
- خىتاي دۆلەت كابىنتى "شىنجاڭ مەسىلىسى" توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىردى
- خىتاي مىللىي ئىشلار تۈپەيلى مەيدانغا كېلىۋاتقان زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھسى تۈزۈپ چىقىشنى پىلانلىماقتا
- ئىسمايىل تېلېۋالدى، نۇر بەكرىلەر خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن مەسلىھەت ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان
- خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ مۇقىملىقنى قوغداشقا چاقىردى
- نۇر بەكرى: "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى كۈزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك"









