جۇ يۈنكاڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدە مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
2008.01.28
ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى جۇ يۈنكاڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ھۆكۈمىتى خادىملىرىغا، بۆلگۈنچىلىك، سىڭىپ كىرىش ۋە ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ھۇشيار بولۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇ يۈنكاڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ مەزكۇر رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
جۇ يۈنكاڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئىچىدە ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدىغان بىر تەرەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەت تەۋەلىكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھەممە ئادەملەرگە تۇرالغۇ ئۆي، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى، مائارىپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى قاتارلىقلاردا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدۇر.
بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت: "بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ ئۆيلەرنى تەقسىم قىلىش ۋە باشقا مەنپەتلەردىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش جەھەتلەردە، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى بىر خىتاي رەھبىرىنىڭ تەن ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دېدى.
ئۇ يەنە، مەيلى قايسى دەرىجىلىك خىتاي رەھبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەڭسىزلىكلەرنى تەن ئېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ خىل ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ئاسان ھەل بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە سىياسىي مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى سۆزلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا يول ئاچتى
- نۇر بەكرى : سىياسىي مۇقىملىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىي بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
- ۋاڭ لېچۈەن يېڭى يىللىق چاي زىياپىتىدە مۇقىملىقنى تەكىتلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى باي ناھىيىسى سەلىم يېزىسىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا زادى نېمە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ ؟
- ۋاڭ لېچۈەن، مۇقىمسىزلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا جىددىي مەسىلە، دېدى
- خىتاي دۆلەت كابىنتى "شىنجاڭ مەسىلىسى" توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىردى
- خىتاي مىللىي ئىشلار تۈپەيلى مەيدانغا كېلىۋاتقان زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھسى تۈزۈپ چىقىشنى پىلانلىماقتا
- خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ مۇقىملىقنى قوغداشقا چاقىردى
- نۇر بەكرى: "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى كۈزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك"









