قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئورۇنغا ئېرىشتى

يەكشەنبە كۈنى ئاياغلاشقان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا، قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلىگىمۇ بىر ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىلىشى كىشىنى تولىمۇ ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىش ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دىرېكتورى، مەدەنىيەت ئەربابى مۇرات ئەھمىدى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قازاقىستان پارلامېنتىدىكى يۈز نەچچە ئورۇننىڭ بىرسىگە ئېرىشكەن.

ھازىر قازاقىستاندا ھايات كەچۈرۈۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈزدىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا بىر ئورۇن بېرىلىشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى قوغداشتا رولى چوڭ ئىكەن.

بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدىغانلىقنى جاكارلاپ، قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە پرېزىدېنتلىق مۆھلىتىنى قىسقارتىش بىلەن بىرگە پارلامېنتقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز ۋەكىللىرىنى كىرگۈزۈش سالاھىيىتى بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

19- ئاۋغۇست ئاياغلاشقان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ پارتىيىسى "نۇر ئوتان" يەنى " نۇرلۇق ۋەتەن" پارتىيىسى % 88 ئاۋاز بىلەن قازاق پارلامېنتىدا 99 ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. (جۈمە)