مۇرات ناسىروفقا بېغىشلانغان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
2008.03.02
28-فېۋرال كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا، ئۆتكەن يىلى 37 يېشىدا موسكۋادا قازا قىلغان مەشھۇر ئۇيغۇر كومپوزىتورى، ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروفقا بېغىشلانغان كونسېرت بولۇپ ئۆتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۈچ مىڭ كىشىلىك بۇ زال لىق تولغان بولۇپ، كونسېرتقا رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق چولپانلىرىدىن ئالىيونا ئاپىنا، مارىنا خلېبنىكوۋا قاتارلىق ئون نەچچە ناخشىچى كېلىپ قاتنىشىپ، ناخشا ئورۇندىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇرات ناسىروف ھايات ۋاقتىدا بىرگە ئىشلىگەن "ئا-ستۇدىيە" گۇرۇپپىسى، ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ "دەرۋىشلەر " ئانسامبىلى قاتارلىقلارنىڭ ناخشىچىلىرى، ئۇيغۇر چولپانلىرىدىن دىلناز ئەخمەدىيېۋا ھەمدە مۇرات ناسىروفنىڭ ئايالى ناتالىيا بويكو قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلىپ، مۇراتقا بېغىشلانغان ناخشىلارنى ئېيتقان.
مۇرات ناسىروفنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش ناخشا كېچىلىكى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر ياشلىرى جۈملىدىن مۇراتنىڭ يېقىن دوستلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، تېخى يېقىندا ئۇنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان ھەمدە ياش چولپانلارنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇرات ناسىروف نامىدىكى مۇكاپات تارقىتىلغان ئىدى.
نۆۋەتتە، رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا كەڭ تونۇلغان ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروفنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇراتنىڭ ناسىروفنىڭ ئۆلۈمى ئەبەدىي سىر بولۇپ قېلىشىمى مۇمكىنمۇ؟
- ئالماتادا مۇرات ناسىروپنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلدى
- مۇرات ناسىروپنىڭ نامىغا بېغىشلانغان ياش ناخشىچىلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ
- داۋۇت راۋاب ۋاپات بولدى
- كالىفورنىيىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- لوندوندىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىرلاندىيىدە ئويۇن قويدى
- ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، مۇبارەك روزا ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولغاي !
- مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى
- " ۋاڭ لېچۇەن يەكەندە 12مىڭ ئۇيغۇرنى ئۇسۇلغا سالدى"
- گېرمانىيىدە ئۇيغۇر ئېلى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈلمەكتە
- "شىنجاڭ ناخشىلىرى" زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (2)









