مۇرات ناسىروپ ئۈچۈن نەزىرە ئۆتكۈزۈلدى

رۇسىيىنىڭ "كم. رۇ" ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروپنىڭ يەتتە نەزىرىسى، موسكۋا شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا 26-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. .

نەزىرىنى مەزكۇر رېستوراننىڭ خوجايىنى جۈرەت زاكىروپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا مەرھۇم مۇرات ناسىروپنىڭ خانىمى ۋە 11 ياشلىق قىزى قاتناشقان شۇنىڭدەك يەنە موسكۋادىكى بىر قىسىم ئاتاقلىق سەنئەتكارلار، مەرھۇمنىڭ دوستلىرى ئىشتىراك قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇرات ناسىروپ، ھايات ۋاقتىدا مەزكۇر رېستورانغا دائىم كېلىدىكەن. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ مەزكۇر رېستوراندا ئولتۇرۇپ، دوستلىرى بىلەن مۇڭداشقان ئىكەن.

نەزىرىگە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ باش مۇفتىسى قاتنىشىپ، خەتمە قۇرئان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نەزىرىدە يەنە مۇرات ناسىروپنىڭ ئاخىرقى ئۇيغۇرچە ئىجادىي ناخشا-مۇزىكىلىرى قويۇلغان بولۇپ، مەرھۇمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىگە باھالار بېرىلگەن.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كۈنى مەزكۇر رېستورانغا مىللىيچە چالغۇ ئەسۋابىنى ئالغىلى كېلىپ، دوستلىرى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئولتۇرغاندىن كېيىن چىقىپ كېتىپ، شۇ كۈنى كەچتە ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ ۋاپات بولغان.

ئۇنىڭ ئالمۇتادىكى دوستلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇرات ناسىروپنىڭ 2-مارت كۈن ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ناخشا كېچىلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلماي، مەخسۇس ئۇنىڭغا بېغىشلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈش قارار قىلىنغان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى مۇرات ناسىروپنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تەسىرىدىن ئۆزىنى ئۆينىڭ بالكونىدىن تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى يېزىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئايالى ۋە دوستلىرى بۇ يەكۈنگە ئىزچىل قوشۇلماي كەلمەكتە. ئۇلار مۇراتنىڭ تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەيدىغانلىقى ياكى ھاراق ئىچمەيدىغانلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىپ، بۇنىڭ "نامەلۇم بىر كۈچنىڭ" تەسىرىدىن كېلىپ چىققان سىرلىق ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلماقتا.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىن "ئۇترو. رۇ" ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە مۇرات ناسىروپ ئۆلۈپ كېتىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرغان كىرىستىنا ئىسىملىك بىر قىزنىڭ مۇراتنىڭ خۇدىنى يوقىتىش خاراكتېرلىق زەھەرلىك چېكىملىك ماددىسى بىلەن زەھەرلەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پەرىزى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مۇرات ناسىروپ 37 يېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئىككى پەرزەنتى يېتىم قالغان. (ئۈمىدۋار)