مۇرات ناسىروپنىڭ خانىمى مۇرات ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى
2007.02.04
19-يانۋار كۈنى تۇيۇقسىز ھەم سىرلىق تۈردە قازا قىلغان رۇسىيىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى، كومپوزىتور مۇرات ناسىروپنىڭ رەپىقىسى ناتالىيە بويكو موسكۋادا چىقىدىغان "ھاياتلىق" گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس تۈردە ئۆزىنىڭ مۇرات ناسىروپ بىلەن ئۆتكەن 15 يىللىق مۇھەببەت ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدىكى شەخسىي ئىشلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇرات ناسىروپنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىرىنچى ۋە ئاخىرقى سۆيگەن مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى، ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە پەقەر بىرلا مۇرات ناسىروپنى ياخشى كۆرۈپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
"مەن ئەبەدىي-ئەبەد پەقەت مۇراتنىلا سۆيىمەن" دەپ جاكارلايدۇ ناتالىيە بويكو مۇخبىرغا، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 1992-يىلى موسكۋادىكى گېنەسىن نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىدە تونۇشقان ھەمدە بىرگە ئوقۇغان. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلار ئارىسىدا كۈچلۈك مۇھەببەت يالقۇنلاپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ، ئوقۇشنى بىرلىكتە پۈتتۈرگەن. 1996-يىلى، ئۇلارنىڭ تۇنجى پەرزەنتى-قىزى، 2000-يىلى ئوغلى تۇغۇلغان.
مۇرات ئاق كۆڭۈل، مەرت، ئوچۇق-يورۇق يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن.
"ھاياتلىق" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سۆھبەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ناتالىيە بىلەن مۇراتنىڭ توي قىلىشىغا دەسلەپتە مۇراتنىڭ ئالمۇتىدا تۇرۇشلۇق ئاتا-ئانىسى قوشۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بارا-بارا ئۇلار مۇرات بىلەن ناتالىيەنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى قوللاش قارارىغا كەلگەن ھەمدە ناتالىيەگە ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ قائىدىسى بويىچە مۇراسىم ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن. ناتالىيە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئۇلار مۇسۇلمانچە نىكاھ قىلغان.
مۇرات بىلەن ناتالىيە دەسلەپتە كەچلىك كۇلۇبلاردا بىرگە ناخشا ئېيتىپ، تۇرمۇش قامدىغان. كېيىن، مۇراتنىڭ نامى چىققاندىن كېيىن، مۇرات پۈتۈن ئىمكانىيىتى بىلەن ئائىلىسىنى ياخشى قامدىغاندىن سىرت يەنە ناتالىيەنىڭ ناخشا چولپىنى بولۇشى ئۈچۈن مەبلەغ سالغان ھەم تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ھەر قېتىملىق كونسېرتلاردا ئۇ ناتالىيە بىلەن بىرگە ناخشا ئورۇندىغان. ناتالىيەنىڭ ئېيتىشىچە، مۇرات ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ ئۆگەتكەن بولۇپ، "گۈل ئايىم" قاتارلىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى كۆپ سەھنىلەردە بىرگە ئورۇندىغان ئىكەن.
ناتالىيە مۇخبىرغا "مۇرات ئۇلۇغ خەلقنىڭ ئوغلى" دەپ ئېيتىش بىلەن مۇراتنىڭ ئۆز خەلقىنى نەقەدەر سۆيگەنلىكىنى، مۇراتنى ئۆستۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ مۇرات ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى بىلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى سۆيگەنلىكىنى ئىزھار قىلغان. (ئۈمىدۋار)