يەكشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە، يېقىندا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان رۇسىيىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچى مۇرات ناسىروفنىڭ قىرىق نەزىرى ئۆتكۈزۈلدى. نەزىرگە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس سەنئەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر جامائەتىدىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان كىشى قاتناشقان.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ ئالماتادىن خەۋەر قىلىشىچە، نەزىر دە قۇرئانى كەرىم تىلاۋىتى ۋە ناسىروفنىڭ روھىغا دۇئا قىلىنغاندىن كېيىن، سۆز گە چىققان نۇرغۇن كىشىلەر، مۇرات ناسىروفنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەمدە قازاقىستان ۋە رۇسىيە سەنئىتى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. لېكىن ئۇلار سۆزلىرىدە مۇرات ناسىروفنىڭ يارقىن قىياپىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇنداقلا قازاقسىتان ۋە رۇسىيە سەنئەتچىلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ ، چۈنكى ئۇ ئۆز ئارقىسىدا ئۈچمەس ئىز قالدۇرغان ۋە خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ناخشىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى، دەپ تەكىتلىگەن.
قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ، رۇسىيىدە داڭ چىقارغان تالانتلىق ئۇيغۇر ناخشىچى مۇرات ناسىروف، 19- يانۋار كۈنى موسكۋادىكى ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن.
رۇسىيە ساقچى دائىرىلىرى، مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆزىنى ئۆيىنىڭ بالكونىدىن ئېتىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما مۇراتنىڭ ئايالى ۋە يېقىن تۇققانلىرى، ئۇنىڭ زەھەرلەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىقىنى بايان قىلماقتا. (قانات)