مۇرات ناسىروپنىڭ ھەيكەلى ئورنىتىلماقچى


2007.04.15

بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن موسكۋادىكى ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ، سىرلىق تۈردە قازا قىلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى ۋە كومپوزىتور مۇرات ناسىروپ ھەققىدىكى ئىنكاسلار ھەم ئۇچۇرلار رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەنىلا داۋاملاشماقتا.

"ھاياتلىق" گېزىتىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇرات ناسىروپنىڭ يېقىنلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەيكەل ئورنىتىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان بولۇپ، 15-مارت كۈنى موسكۋادىكى 47 نەپەر ناخشا چولپىنى ۋە سەنئەت ئەربابىنىڭ قازاقىستان سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئالمۇتىدا ئۆتكۈزگەن خاتىرىلەش كېچىلىكىدىن كېيىن، مۇرات ناسىروپنىڭ يېقىنلىرى، دوستلىرى ۋە رۇسىيە سەنئەتكارلىرى بىردەك ھالدا خاتىرە كېچىلىكىدە چۈشكەن پۇللارنى مەبلەغ قىلىپ، مەرھۇم ئۈچۈن ئالمۇتىدا ھەيكەل ئورنىتىشنى قارار قىلغان. موسكۋادىن كەلگەن لايھىلىگۈچى مەرھۇمنىڭ ھەيكىلى ۋە مەقبەرىسىنىڭ تۈرلۈك نۇسخىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مۇرات ناسىروپنىڭ ئالمۇتادىكى بىر كەسىپدېشى، ئالمۇتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مۇرات ناسىروپنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىش، ھەتتا ئۇنىڭ نامىنى بىرەر مەكتەپ ۋە ياكى كوچىغا بېرىش ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

تېخى يېقىندا مۇرات ناسىروپنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى موسكۋا تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن "ئۆزنى ئۆلتۈرۈۋالدى" دېگەن يەكۈن بىلەن خۇلاسىلانغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن قايىل ئەمەسلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەنە مۇرات ناسىروپنىڭ ئىككى مىليون دوللار قىممىتىدىكى خۇسۇسىي بايلىقىنىڭ كىمگە مىراس قالدۇرۇلۇشى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار پەيدا بولماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.