قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى زارىيا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى قەبرىستانلىققا رۇسىيە ۋە پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچىسى، كومپوزىتورى مۇرات ناسىروپنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلدى.
ھەيكەلنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 13- دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا مۇرات ناسىروپنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى، ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بىر قىسىم سەنئەتكارلىرى، زىيالىيلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار ھەمدە مۇرات ناسىروپنىڭ دوست - يارەنلىرى ۋە ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ مۇخلىسلىرى قاتناشتى.
مۇراسىمدا مۇراتقا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى ئەسلىنىپ ئۆتۈلدى. مۇرات ناسىروپنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىش ھەمدە ئۇنىڭ نامىنى ئالمۇتادىكى بىرەر مەكتەپ ۋە ياكى كوچىغا بېرىش مەسىلىسى ئۆتكەن يىلى 3- ئايدا مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھازىرچە پەقەت ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئۆزى ۋە دادىسى ياتقان قەبرىستانلىققا ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان.
مۇرات ناسىروپ ئۆتكەن يىلى 19- يانۋار كۈنى موسكۋادا سىرلىق تۈردە ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلار بار بولۇپ، " ئۆز ئۆيىنىڭ بالكونىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالدى" دېگەن يەكۈن چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر باشقا ھەر خىل قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.(ئۈمىدۋار)