مۇرات ناسىروپنىڭ ئاكىسى مۇراتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى


2007.02.18

19 - يانۋار كۈنى موسكۋادىكى ئۆيىنىڭ بالكونىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالدى دەپ ئېلان قىلىنغان رۇسىيىنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروپ ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار داۋاملىق تارقىتىلماقتا. مۇرات ناسىروپنىڭ ئايالى، دوستلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالۇمۇتىدا ياشايدىغان ئائىلە - تاۋاباتلىرى مەرھۇمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئىزچىل تۈردە ئىنكار قىلىپ كەلدى. "تۋوي دېن" (سېنىڭ كۈنىڭ") ناملىق ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇرات ناسىروپنىڭ ئاكىسى نىجات ناسىروپ ئىنىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولماستىن بەلكى، نامەلۇم بىر كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەۋەرگە تايانغاندا، نىجات ناسىروپنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە چىقارغان خۇلاسە ھۆججىتىدىكى "ئۆلۈمنىڭ سەۋەبى" دېگەن قىسىمى بوش قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتە، تەلەپ بويىچە ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك ئىكەن.

نىجات ناسىروپ، بۇ ھۆججەتتىن ۋە مۇراتنى ئىسلامىي قائىدە بويىچە دەپنە قىلىش ئالدىدا يۇغاندا بىلىنگەن بەزى ئەھۋاللارغا تايىنىپ تۇرۇپ، مۇراتنىڭ ناسىروپنىڭ قانداقتۇر بەشىنچى قەۋەتتىن ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ ئۆلۈۋالغان بولماستىن بەلكى، ئالدىن تەييارلانغان پىلان بويىچە ئۆلتۈرۈلۈپ، تاشلاپ قويۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

نىجات ناسىروپنىڭ "سېنىڭ كۈنىڭ" ناملىق گېزىتكە ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىنىسى مۇرات ناسىروپ تېخى يېقىندىلا ئۆزىنىڭ سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان سەنئەت - سودا شىركىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى بىكار قىلىپ، ئۆز ئالدىغا، مۇستەقىل سەنئەت تىجارىتى ۋە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.

بۇنداق بولغاندا، ئۇ ئۆز ناخشا پىلاستىنكلىرىنى ئۆزى نەشىر قىلىپ سېتىش، ناخشا كېچىلىكىنى ئۆزى ئۇيۇشتۇرۇپ، كىرىم قىلىش قاتارلىق خۇسۇسىي جەھەتتىكى پايدىلىق ئىمتىيازلارغا ئېرىشىش مۇمكىن ئىكەن.

مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمى رۇسىيە سەنئەت تارىخىدىكى سىرلىق پاجىئەلىك ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، تاكى ھازىرغىچە تۈرلۈك قىياسلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.