ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە ئىككى مۇخبىر دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىدى
2006.11.26
سىنا خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرى 22 - نويابىر كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى نەسىللىك كالا فېرمىسىنىڭ مۇھىت ھەم سۇنى بۇلغىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر ئورۇننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغاندا، ئېغىر دەخلى تەرۇزغا ئۇچراپ يارىلاندۇرۇلغان ھەمدە بىر قانچە سائەت سولاپ قويۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇخبىرلارنىڭ فېرمىدا سۈرەتكە ئالغان سىنئالغۇ لېنتىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، كالا فېرمىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لو شىنجەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارەتكە كەلگەن ليۇ ۋە شۈ فامىلىلىك ئىككى مۇخبىرىنى سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن ھەمدە ئۈستەل ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى ئۇلارغا قارىتىپ ئاتقان. مۇخبىرلار ئامالسىز قايتماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن چىققاندا يەنە فېرمىدىكى بىر قانچە ئەر كىشى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى سائەتچە قاماپ قويۇلغان.
بۇ خىل مۇخبىرلارنى خورلاش ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم يۈز بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۈرۈمچى ئىستېمالچىلار گېزىتىنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرى مىچۈئەندىن مەلۇم قاتناش ۋەقەسى ئۈستىدىن خەۋەر ئىگىلىۋاتقاندا ئوخشاشلا قاتتىق ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ئىدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن ئاخباراتچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى
- خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ كۈرەش ھۈسەيىنگە قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە چەتئەل سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنى توسىماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت تور پونكىتلىرىنىڭ 95٪ ئى خىتايچە چىقىدىكەن
- ب ب س پروگراممىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىدى