ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇز قاتلاملىرى خەتەرلىك ئەھۋالغا كېلىپ قالدى


2007.07.13

خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئېرىش سۈرئىتى ئۆتكەن 40 يىلدىن بېرىقى ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالىغا بېرىپ قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيىسى رايوندىكى گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا بىر تەتقىقات دوكلاتى تەييارلىغان بولۇپ، دوكلاتتا 1964- يىلدىن بېرى رايوننىڭ تاغ چوققىلىرىدىكى مۇز قاتلىمى % 20 ئازلاپ كەتكەنلىكىنى، قار بىلەن قاپلىنىش بەلۋىغى 60 مېتىر قىسقارغانلىقىنى ۋە مۇز قاتلىمىنىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسى يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە % 10 ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ فېيتىڭ، رايوندىكى مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىپ كېتىشىگە يەر شارى ھاۋاكىلىماتىدىكى ئۆزگىرىش سەۋەبچى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ يەنە بىر تەتقىقاتچىسى خۇ ۋېنكاڭ بولسا مۇز قاتلىمىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، "مۇز قاتلىمى قېتىشما سۇ ئامبىرى،دەپمۇ ئاتلىدۇ. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ سۇ مەنبەلىرىدىن بىرى" دەيدۇ.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىپ كېتىشى بەزى رايونلاردا سۇ ئاپىتى ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دەريا ئېقىنلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. ۋاڭ فېيتىڭ، تەڭرى تاغلىرىدا دېڭىز يۈزىدىن 3545 مېتىر ئىگىزلىكتىكى مۇز قاتلاملىرىنىڭ 1993 - يىلدىن باشلاپ ئىككىگە پارچىلانغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن مۇز قاتلىمى تېخىمۇ تېز ئېرىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغ تىزمىلىرىدىكى مۇز قاتلىمى خىتاي بۇيىچە تىبەتتىن قالسا 2- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، % 42 مۇز قاتلىمى بۇ رايونغا جايلاشقان. خىتاينىڭ ئەڭ مەشھۇر مۇز قاتلىمى تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى بولغان ياۋ تاڭدۇڭ، ئەگەر جىددىي تەدبىر ئېلىنمىسا، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ 2100 - يىلغىچە پۈتۈنلەي ئېرىپ تۈگەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ب د ت دىكى تەتقىقاتچىلار بولسا رايوندىكى بۇ ئەھۋاللارغا ئادەملەرنىڭ پائالىيىتى سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.