ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى مۇزېيى بۇ يىل ئىچىدە ئېچىلىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئېچىلىش ئالدىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى مۇزېيدا، يىپەك يولىدىن تېپىلغان قەدىمقى جەسەتلەر قايتا كۆرگەزمىگە قويۇلىدىكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدىكى دائىرىلەر يېڭى مۇزېيدا قەدىمقى جەسەتلەر، شىنجاڭ تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئىتى قاتارلىق بۆلۈملەرنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق كۆزەتكۈچىلەر ئەسكەرتىشىچە، مۇزېيدىكى مىلادى 9 - ئەسىردىن ئىلگىرى تېپىلغان ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان تارىخى باغلىنىشى خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، يېڭى مۇزېيدا " جوڭگو ئىنقىلابى" بۆلۈمىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. يېڭى مۇزېي قۇرۇلۇشى 1999 - يىلى باشلانغان بولۇپ، كونا مۇزېينىڭ مىللىي پاسۇندىكى بىناسىنى چىقىۋېتىش، ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

ئەمما 2002 - يىلى مۇزېي بىناسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى خىيانەتچىلىك شۇنداقلا مۇزېيدىكى ئاسارە- ئەتىقىلەرنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن ئوغرىلىنىش ۋەقەسى، قۇرۇلۇشىنىڭ بىر مەزگىل توختاپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان.

مۇزېينىڭ سابىق باشلىقى دۇ گېنچىڭ ئەتكسەچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇزېيدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت قەدىمى ئاسارە - ئەتىقىلەرنى ئوغرىلىغان. مۇزىيدىكى خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ جەرياندا قانچىلىك ئاسارە- ئەتىقىنىڭ ئوغرىلانغانلىقى مەلۇم ئەمەسكەن. چۈنكى دۇ گېنچىڭ دەۋرىدە بەزى ئاسارە - ئەتىقىلەر تىزىملىككە ئېلىنمىغان ياكى قەستەن تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەن. دۇ گېنچىڭ يۇقىرىقى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

مۇزېيدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇزېيدىكى قەدىمى جەسەتلەر پات ئارىدا چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ DNA تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشىغا ئېچىۋېتىلىدىكەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مۇزېيدىكى بىر خادىمنىڭ " بۇ بىزنىڭ بايلىقىمىز، بىز تارىخىمىزنى قوغداشقا ئېھتىياج شۇنداقلا بىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز" دېگەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)