مەشھۇر كومپوزىتور ۋە مۇزىكانت خارىس ئاشىروپ ۋاپات بولدى


2007.02.23

ئۇيغۇر مۇزىكا ساھەسىنىڭ تۇنجى ئەۋلات كومپوزىتورى ۋە مەشھۇر مۇزىكانت خارىس ئاشىروپ، ئۇزۇن مەزگىللىك كېسەللىكتىن كېيىن پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، خارىس ئاشىروپ، 22 - فېۋرال كۈنى كەچتە كېسەل سەۋەبى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان

ئۇ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر مۇزىكا ئىجادىيىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، نۇرغۇن ناخشا - ئۇسۇل، كىنو ۋە درامما مۇزىكىلىرىنى ئىشلىگەن، بولۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇر كىنو مۇزىكىلىرىنى ئىشلەش جەھەتتە زور تۆھپە قوشقان ئىجادىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1930 - يىللاردا تۇغۇلغان كونا ئۈرۈمچىلىكلەردىن بولۇپ، 1950 - يىللىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن " پان تۈركىسزمچى " دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە 1952 -يىلى ئۈرۈمچىدە ئېتىپ تاشلانغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى قۇربان قۇداي خارىس ئاشىروپنىڭ قېينى ئاكىسى ئىدى.

مەرھۇمنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى 1950 - يىللاردا شىئەن سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا باشلانغان، ئۇنىڭ " ۋەتەندە باھار " دېگەن مۇزىكىلىرى خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان يىرىك ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.