تەڭرىتاغلىرىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى كېچىكلىمەكتە


2007.02.14

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاينىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ 90% ى ئۇيغۇر رايونىدا. "بىرىنچى نۇمۇرلۇق مۇزلۇق" دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر مۇزلۇق ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى تەڭرىتاغ چۇققىسىدا. بۇ مۇزلۇق دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئىگىزلىكتە، كۆلىمى ئىككى كۋادىرات كىلومېتىر. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە 70 تىن ئارتۇق چوڭ-كېچىك مۇزلۇق بار. بۇ خۇددى "قاتۇرۇلغان سۇ ئامبارلىرى"غا ئوخشايدۇ. بۇ مۇزلۇقلاردىن كۈن نۇرىدا ئېرىپ ئېقىپ كەلگەن سۇ بۇ رايوندىكى دەريالار-ئېقىنلارنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى، شۇنداقلا بۇ رايوندىكى پۈتۈن ئۆسۈملۈكنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى.

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆلچەپ كۆرۈشىچە، 1964 ‏- يىلىدىن بۇيان بىرىنچى نۇمۇرلۇق مۇزلۇقلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا مۇزلۇقلارنىڭمۇ ئومۇمى يەر كۆلىمى 20% كىچىكلىگەن، سۇ زاپىسى 18% ئازايغان، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىياتىغا يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغۇسى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.