خىتايدا 1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمى داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بالىلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ٪ 40 ئىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى يۈزدىن ئوشۇق سودا ساراي ۋە توپ سېتىش ئورۇنلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ يەرلەردىكى بالىلار يېمەكلىكى، بالىلار كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ئويۇنچۇقلىرىنىڭ٪ 40 ئى ئۆلچەمگە توشمىغان.
شۇنداقلا تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە، بالىلار يېمەكلىكى ۋە ھەر خىل ئىچىملىكلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىدا، چىرىشتىن ساقلىنىش ماددىسى، بوياق ماددىسى ۋە ساخارىن قاتارلىق ماددىلارنىڭ تەركىۋى بارلىقى ئەسكەرتىلمەيدىغانلىقى بايقالغان.
ھەتتا بەزى مەھسۇلاتلاردا، ئىشلەپچىقىرىش كۈنى ۋە ئىشلىتىلىش ۋاقتىنىڭ چەكلىمىسى قاتارلىقلارمۇ يېزىلمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار كىيىملىرىنىڭ قانداق مەھسۇلاتلاردىن تىكىلگەنلىكى ۋە ئويۇنچۇقلارنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ئەسكەرتىلمىگەچكە، بۇ ئەھۋاللار، ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالماقتا. (پەرىدە)