قارامايدىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى
2004.09.16
ئۇيغۇرئېلىدىكى بىر تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئېلىنىڭ قاراماي شەھىرىدە 9 - ئاينىڭ 10 - ۋە 11 - كۈنلىرى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن بولۇپ 400 دەك ئادەم تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.
ئۇلار نامايىش جەريانىدا قارا ماي شەھەرلىك نېفىت ئىدارىسىنى قورشىۋالغان ھەمدە كوچىلاردا جىم ئولتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ 500 نەپەردىن ئارتۇق ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى قورشىۋالغان. كىيىنچە قارامايدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرىنى قۇبۇل قىلىپ، نامايىشنى بېسىقتۇرغان. قارامايدا يۈز بەرگەن. (ئارزۇ)
©
2004 Radio Free Asia