گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش قىلدى


2004.12.10

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە مەزكۇر تەشكىلات قارمىقىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان ئىتتىپاقى، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن تەخمىنەن 50 - 60 دەك ئادەم ئىشتىراك قىلغان. نامايىشچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىگە قارشى شۇئار توۋلىغان. نامايىش جەريانىدا تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گېرمانىيە دائىرىلىرى نەق مەيدانغا ساقچىلارنى ئەۋەتىپ تەرتىپ ساقلىغان.

نامايىشچىلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى تۆت سائەتلارچە داۋام قىلغان. شۇ كۈنى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان ئىتتىپاقى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى شرېدۆرنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، گېرمانىيىدىكى تىبەتلەر، دىموكراتىك خىتايلار بىلەن بېرلىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شرېدۆرنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە خىتاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىگەن ئىدى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، برېيۈسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، " ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئەھدىنامىلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ"، دەپ تەكىتلىگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى" نى تېز ئارىدا ماقۇللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.