ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىش


2005.12.05

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، كاپىتول خىل نامايىش كومىتېتى نامىدا بىر كومىتېت قۇرۇپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىش ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلدى 12 ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن ئېتىبارەن نامايىش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

كاپىتول خىل نامايىش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش ھەپتىدە 7 كۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن ھەمدە ھەر كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 12 دە باشلىنىپ سائەت 4 دە ئاخىرلىشىدىكەن.

بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن - مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلكىگە ئىپادىلەشتىن ئىبارەت ئىكەن.

نامايىش كومىتېتى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن شەرقى تۈركىستانلىقلارنى بۇ نامايىشقا قىزغىن ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.