200 گە يېقىن خىتاي ياللانما ئىشچى ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلدى
2006.04.26
200 گە يېقىن خىتاي ياللانما ئىشچى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىنىڭ ئۇلارنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكىگە نارازى بولۇپ، كوچىغا چىقىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە دوستلۇق يولىنى توسىۋېلىپ، قاتناشنى توختىتىپ قويغان.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۆلەم پۇلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىشخانىسىدىكى خادىملار نەق مەيدانغا دەرھال كېلىپ، ئىشچىلارغا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىشچىلار يولنى بوشىتىشقا قوشۇلغان.
بۇ ئىشچىلار ئاساسلىقى گۇاڭدۇڭ ۋە شەنشىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىنى قايتا رېمونت قىلىپ بېزەش ئىشلىرىنى قىلغان. ئۇلارنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئۇلارغا 15- ئاپرىل كۈنى بېرىمىز دەپ ۋەدە قىلغان 3 ئايلىق مائاشىنى 3 كۈن كېچىكتۈرۈپ قويغان. شۇنداقلا يەنە بۇ خىزمەتنى ھۆددىگە ئالغان ئوتتۇرىدىكى 2 كىشى بىر قىسىم پۇللارنى ئىشچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزمەي ئۆزلىرى ئېلىۋالغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىشچىلار ئىش تاشلاپ كوچىدا نامايىش قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۆلەم پۇلىنى بىر تەرەپ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىشخانىسى، ھازىر ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالى ئۈستىدىن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئىلى ۋادىسىنى پۈتۈن خىتاي بويىچە بوز يەر ئاچىدىغان نۇقتىلىق رايون قىلىپ بېكىتتى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىلىغا 300 مىڭ نوپۇس كۆپىيىۋاتامدۇ؟
- يەنە بىر تۈركۈم خىتاي كادىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە "ياردەم قىلىش" نامى بىلەن كەلدى
- خىتاي يەنە بىر تۈركۈم كادىرلىرىنى قەشقەرگە ئەۋەتتى
- ۋاڭ لېچۈەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشكە چاقىردى