بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى


2006.05.25

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا 25-ماي كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىدىن ھۈسەيىنجان جېلىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ھۈسەيىنجان جېلىل كانادا پۇقراسى بولۇپ، ئۇ ئاپرىل ئېيىدا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بارغاندا، ئۆزبېك ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ئۇنى تېررورىزىم بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 2000-يىلى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى نىغمەت بوساقوپنى ئۆلتۈرۈش ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن رەسمى زىيارەت بىلەن بىشكەككە كەلگەن خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش جىنايەتلىرىنى ئارتقان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىغا چۈشىشىگە قارىماي، ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋىپى پەيدا بولماقتا.

نامايىشنى تەشكىللىگۈچى ئورۇن قىرغىزىستان دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتى بولۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتى ۋە مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرى ھۈسەيىنجان جېلىلغا ئارتىلغان جىنايەتلەرنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە . ئۇلار , ھۈسەيىنجان جېلىلنىڭ 2001-يىلىدىن ئېتىبارەن كانادا ياشۋاتقان كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۆزبېك دائىرىلىرىدىن خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى دەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان.)ئۇمىدۋار(

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.