ئاۋسترالىيدىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى نامايىش ئۆتكۈزدى


2007.09.08

ئاسىيا تېنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان پەيتتە، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى شەنبە كۈنى زور كۆلەملىك نارازلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۈر جەمئىيەت بىر ئايدىن كۆپرەك جىددى تەييارلىق كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، 2 قېتىملىق نامايىش ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق نامايىش 6 ‏- سېنتەبىر كۈنى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ سىدنېيغا يېتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى خايدﯤ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئىككىنچى قېتىملىق نامايىش 8 ‏- سېنتەبىر كۈنى سىدنېي شەھەر مەركىزىدىكى ۋىكتورىيە باغچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.

نامايىش، ئاۋسترالىيىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، تىبەت جەمئىيىتى، خىتاي دېموكراتلىرى،فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.

نامايىشتا ئاۋسترالىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتا ئەزاسى، يېشىللار ۋەكىلى كېري نېتتېل ، كانادانىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى خىتاي دېموكراتىيىسى قوغدىغۇچسى داۋىد كىلگور ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاۋسترالىيە شۆبىسىنىڭ رەئىسى سوپھې پېېر ئەپەندىلەر سۆز قىلغان. نامايىش 4 سائەتكە قەدەر داۋاملاشقان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.