ئۇيغۇر دېھقانلار نامراتلىقتىن تېلېۋىزورمۇ سېتىۋالالمايدۇ

خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا پۇقرالارنىڭ يىللىق كىرىمى 20 - 30 مىڭ يۈئەنگە يەتكەن بىر چاغدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دېھقانلار نامراتلىقتىن تېلېۋىزور ئېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ئەھۋالدا دائىرىلەر قەشقەر قاتارلىق جايلاردا پۇقرالارغا ھەقسىز تېلېۋېزور تارقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

تەڭرىتاغ تور بېتى بۇ ھەرىكەتنى "تېلېۋىزور ئارقىلىق ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش" دەپ ئاتىدى. دائىرىلەر دۈشەنبە كۈنى قەشقەر خەلق مەيدانىدا تېلېۋىزور تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ تەكىتلىشىچە، قەشقەر كونا شەھەر ۋە قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيىلىرىدە ئۇيغۇرلار دېھقانلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرەلمەسلىك ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىلگەن.

مۇراسىمدا ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى لى يىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھازىرغىچە تېلېۋىزور سېتىۋالالماسلىقىدىكى سەۋەبى ئۇلارنىڭ " قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى نىسبەتەن بېكىنمە يېزا ئىگىلىك بوستانلىقلاردا ياشايدىغانلىقىدىن" ئىكەن.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەقسەتلىك نامرات قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋە سىياسى تەلەپلەرنى قويۇشىدىن ساقلىنىش، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەركىن)