ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مىليون 600 مىڭ پۇقرا كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ ۋە يېقىلغۇسىز قالدى


2005.12.16

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ 14 - دېكابىر كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا بىر مىليون 635 مىڭ پۇقرا كېيىم - كېچەك، تۇرالغۇ جاي، يوتقان كۆرپە، يىمەك ‏- ئىچمەك ۋە يېقىلغۇ قاتارلىق ھايات قېلىشقا زۆرۈر بولغان ئاساسى تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنىڭ جىددىي ھەل قىلىنىشىئىنى كۈتمەكتىكەن.

مارالبېشىنىڭ چوڭقورچاق يېزىسىدىكى پۇقرالار بولۇپمۇ كۆمۈر ۋە يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىشكە ئىھتىياج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتى چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا " ئاپەتكە ئۇچرىغان تەخمىنەن 835 مىڭ ئامما ئاشلىققا، 800 مىڭغا يېقىن ئامما كىيىم - كېچەك يوتقان - كۆرپىگە، يەنە بىر قىسىم ئامما تۇرالغۇلىرىنى قايتا قۇرۇش ۋە يېقىلغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا جىددىي ئىھتىياجلىق بولىۋاتىدۇ " دەپ ئېلان قىلدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالار ئارىسىدا پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملار ئىئانە قىلىش سەپەرۋەرلىكى ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئېغىر تەبئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى ئىلگىرى بېيجىڭدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپەت رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ جاي، يېقىلغۇ ۋە ئاساسى تۇرمۇش ئېھتىياجلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ " غەمخورلۇقى" ئاستىدا ھەل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما خەلق ئىشلار نازارىتى ئاپتونوم رايون بويىچە بىر مىليون 635 مىڭ پۇقرانىڭ بۇ يىل قىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يىمەك - ئىچمەك، يوتقان - كۆرپە، يېقىلغۇ ۋە تۇرالغۇ جاي قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.