شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 1 - ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە، ۋاڭ لېچۇەنننىڭ پىلانلىق تۇغۇت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن ھەمدە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى نامرات دېھقانلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلارنىڭ 85%نى ئىگىلەيدىكەن.
خىتاينىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2006 - يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى 2742 بولغان بولسا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارنىڭ 2072يۈئەن، خوتەننىڭ 1499يۈئەن، ئاتۇشنىڭ بولسا 1486 يۈئەن بولغان.
قەشقەر، خوتەن ھەمدە قىزىلسۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى ئۇيغۇرلار نوپۇسى 90%تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان رايونلار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ جايدىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندىنمۇ تۆۋەن.
رادىئومىزنىڭ قەشقەر ھەمدە خوتەن يېزىلىرىدىكى دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بەزىلىرى كىرىم قىلماقتا يوق ھەتتا يىل ئاخىرى باج ۋە سېلىقلاردىن قۇتۇلالماي قەرزلەرگە بوغۇلۇپ قالىدىكەن.
نامرات دېھقانلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلارنى ھازىرغا قەدەر ئېغىر ھەمدە ئۇزاق مەزگىل ھاشارغا ئىشلىتىشى، باج ۋە سېلىقلارنى كۆپەيتىشى ھەمدە يەنە بىر قاتار ناھەق سىياسەتلىرى دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ نامراتلىققا قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يازلىق تېرىقچىلىق باشلانغان، دېھقانلار تازا ئالدىراش مەزگىلى بولسىمۇ ئەمما قەشقەر ھەمدە خوتەندە دېھقانلارنى مەجبۇرى ھاشاغا تۇتۇش يەنە باشلانغان. (گۈلچېھرە)