يېڭىسار ناھىيىسى ئوقۇتقۇچى ‏- ئوقۇغۇچىلارنى قۇربان ھېيت كۈنى يىغىۋېلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى


2007.12.24

ئىگىلىشىمىزچە، يېڭىسار ناھىيىسى پارتكومى ۋە مائارىپ ئىدارىسى قارار چىقىرىپ، 20 - دېكابىر قۇربان ھېيت كۈنى ناھىيە تەۋەسىدىكى 500 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە 5 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ مىللى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن باشلاپ مەكتەپلەرگە يىغىۋالغان ھەمدە ئەتىگەندە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ھېيتنى خوشال ‏- خورام تەبرىكلەش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى 20- دېكابىردىكى پائالىيەتكە قاتاناشمىغانلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغان بولۇپ، "پائالىيەتكە"ناھىيە رەھبەرلىرى، ساقچى تارماقلىرى ۋە مۇناسۋەتلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل يىغىۋېلىش ناھىيە تەۋەسىدىكى ئارسلانباغ يېزىسىدا تېخىمۇ كەڭ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىۋېلىشقا مەركىزى مەكتەپ ۋە بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر تېخىمۇ قاتتىق تەشكىللەنگەن.

ھەممە ئادەم خوشال - خورام بايرام تەنتەنىسى قىلىدىغان مۇشۇنداق خوشال كۈنلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش ھوقۇقىدىنمۇ بەھرىمان بولمىغانلىقىغا نىسبەتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: "قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي دىنىي بايرىمى بولۇپ ، بۇ ھېيت ئاتالمىش مىللي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئېتىراپ قىلىنغان ۋە قانۇنىي جەھەتتىن دەم ئېلىش بەلگىلەنگەن بايرام كۈنى بولۇپ ، خىتاينىڭ شۇنداق كۈندە يەنە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يىغىۋېلىپ ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ .

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ھېيت كۈنىنى تاللاپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى بىرخىل سۈنئىيلىك بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللي ۋە كىشلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق دەپ كۆرسەتتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.