خىتاي ھۆكۈمىتى تارىمنىڭ تەبىئىي گازىنى شاڭخەيگە يۆتكەش تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدىغان يېڭى بىر نېفىت تۇرۇبا يولى ياتقۇزماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى بۇ يىل ئۆكتەبىردە باشلايدىكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇش، خىتاي -قازاقىستان نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى بىلەن قوشۇلۇپ، خىتاينىڭ غەربنىڭ نېفىتىنى شەرققە يۆتكەش سىتىراتىگىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەزكۇر نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ يۆلىنىشى مايتاغدىن باشلىنىپ، ئۈرۈمچى ۋە پىچان ئارقىلىق گەنسۇنىڭ مەركىزى لەنجۇغا تۇتىشىدىكەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى ئاز كەم 4000 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئەگەر كىيىنچە قازاقىستاننىڭ نېفىتىنى كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشسا، مايتاغدىن لەنجۇغىچە يەنە بىر زاپاس تۇرۇبا يولى ياتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مايتاغ- لەنجۇ نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىغا 14 مىليارد 600 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنىدىغان قىلىنىدىكەن ھەمدە 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتۈپ، نېفىت يۆتكەشكە كىرىشىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنى،شەرقىي تۈركىسىتاندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ ئەيىبلىمەكتە. مەزكۇر تەشكىلات باياناتچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەرلىك خەلق نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چوڭ قۇرۇلۇشلىرىدىن مەنپەئەتلەنمەيلا قالماستىن، يەنە بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. (ئارزۇ)
