ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى بىلەن خىتاينىڭ لەنجۇۋ شەھرى ئوتتۇرىسىدىكى پىششىقلانغان ۋە خام نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىدا رەسمى ئىش باشلاندى . گەنسۇلۇق ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرىشىچە ، نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ پىششىقلانغان نېفىت ئاققۇزۇش لىنىيەسى ئۈرۈمچىدىن لەنجۇۋغا تۇتاشتۇرىلىدۇ . بۇ لىنىيە يىلىغا 10 مىليون توننا پىششقلانغان نېفىت ئاققۇزۇش ئىقتىدارىغا ئىگە . پىچاندىن باشلىنىدىغان خام نېفىت ئاققۇزۇش لىنىيەنىڭ يىللىق نېفىت ئاقتۇرۇش ئىقتىدارى 20 مىليون توننا بولۇپ ، قۇرۇلۇشنى 2005 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە پۈتتۈرىپ ، 2006 - يىلى رەسمى نېفىت ئاققۇزۇشنى پىلانغا كىرگۈزگەن . خەۋەرلەردە، 1550 كلومېتېر ئۇزۇنلىقتىكى نېفىت تۇرۇبا يولىغا 15 مىليارت يۋەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە .
. شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ئارىدا خەۋەر قىلىشىچە ، خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى قارمىقىدىكى شىنجياڭ نېفىتلىك شىركىتى ، يېقىندا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت ۋە تەبىئى گاز زاپىسىنى بايقىغان . شىنجياڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن شىنفا ، يېڭىدىن بايقالغان تەبىئى گاز ۋە نېفىت زاپىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ مەركىزى ۋە شەرقىدىكى 4 ئورۇندا بايقالغانلىقىنى ، ئويمانلىقنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت ۋە تەبىئى گاز زاپىسىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغانلىقىنى جاكالىغان . چېن شىنفا يۇقارقىي خەۋەرنى پەيشەنبە كۈنى » جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى نېفىت ۋە تەبىئى گاز قېزىش ئىستىراتىگىيەسى « دىگەن تېمىدىكى بىر يىغىندا ئاشكارلىغان .خىتاي تەرەپنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، جۇڭغار ئويمانلىقى 8 مىليارت 600 مىليون توننا نېفىت زاپىسى ، 2 ترىليون 10 مىليارت كۇپ مېتىر تەبىئى گاز زاپىسىغا ئىگە . (ئەركىن)
