ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىت زاپىسى 20 مىلياد 900 مىليون توننىغا يەتتى
2004.08.31
ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان نېفىتلىكلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا نېفىت ئېنىرگىيە زاپىسى 20 مىليارت 900 مىليارد توننىغا يەتكەن .
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، جۇڭغار، تارىم، تۇرپان ـ قۇمۇل قاتارلىق جايلار نېفىت زاپىسى ئەڭ مول رايونلاردىن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ زىمىن خىتاينىڭ نېفىت سانائىتى بويىچە ئەڭ چوڭ ستراتىگىيىلىك ئورنى ھىساپلىنىدۇ .
ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان ئىستاتىسسكىلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت زاپىسى خىتاينىڭ ئومۇمۇمىي نېفىت زاپىسىنىڭ 4 تىن بىرىنى، تەبئىي گاز زاپىسى بولسا خىتاي بويىچە 100 دە 28 ئىنى ئىگىلەيدىكەن .
ئۇيغۇرسىياسەتچىلىرى، مول نېفىت ۋە تەبىئى گاز زاپىسىغا ئىگە بۇ زىمىندىكى خەلقلەرنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات سەۋىيىدە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ مەسىلىنى خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان داۋاسىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە.(ئەقىدە)