خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە بارىدىغان نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
2004.09.08
خىتاي نېفىتلىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىدىغان 1 مىليارد 760 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئىككى چوڭ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلىشىنى چارشەنبە كۈنى رەسمىي باشلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قۇرۇلۇش خىتاينىڭ غەرىبتىكى نېفىت ۋە تەبىئى گازنى شەرقىي رايونلارغا يۆتكەش تەرەققىيات ستراتىگىيىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئىككى نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ بىرى 1550 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ پىچاندىن لەنجۇغا تۇتاشتۇرىلىدىكەن. شۇنداقلا بۇنىڭدىن يىلىغا 20 مىليون توننا نېفىت ماڭغۇزىلىدىكەن. يەنە بىر بولسا 1840 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن لەنجۇغا تۇتاشتۇرىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن ھەر يىلى 10 مىليون توننا نېفىت ماڭغۇزىلىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت زاپاس مىقدارى 20 مىليارد 9 يۈز مىليون توننىغا، تەبىئى گاز زاپاس مىقدارى بولسا 383 تىرليون 120 مىليارد كۇپ مېتىرغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. (پەرىدە)