خىتاي - قازاق نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پات ئارىدا ئىش باشلايدۇ
2004.09.17
خىتايدىكى قازاقىستان دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارلىشىچە ، قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلىدىغان نېفىت تۇرۇبىسى 9 - ئاي ئىچىدە ئىش باشلايدۇ . قۇرۇلۇشنىڭ 2005 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى پۈتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا .
قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ، نېفىت تۇرۇبىسى پۈتكەندىن كېيىن قازاقىستاننىڭ خىتايغا يىلدا 10 مىليون توننا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قازاقىستان باش ئەلچىسى قالىبۇزانوف، تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىشىنىمەنكى بىز تۇرۇبا يولىنى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگىمىز دەپ كۆرسەتتى. بىراق ئۇ ، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۆتىدىغان نېفىت تۇرۇبىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش نىيىتىدىكى تېررورچىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان .
قازاقىستاننىڭ ئاتاسۇ رايونىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزىغىچە تۇتىشىدىغان تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1000 ك م غا يېتىپ قوپىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تۇرۇبا يولىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىغان تۇرۇبا يوللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى پىلانلىماقتا . خىتاينىڭ سىبىرىيەدىكى ئانگارىسكىيدىن داچىڭغىچە نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش پىلانى روسىيە تەرىپىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، قازاقىستان بىلەن ھەمكارلىق يولىغا ماڭغان ئىدى . ئىككى تەرەپ ئاتاسۇ بىلەن ئالاتاۋ ئوتتۇرىسىغا نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمىنى ئۆتكەن يىلى ئىمزالىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە بارىدىغان نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
- غەربتىكى گازنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبىسىىدىن رەسمىي گاز ماڭغۇزۇلدى
- ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىت زاپىسى 20 مىلياد 900 مىليون توننىغا يەتتى
- ئۈرۈمچى بىلەن لەنجۇۋ ئارىسىدىكى خام نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشلاندى
- خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى ( sinopic) تارىم- شاڭخەي تەبىئى گاز قۇرۇلۇشىدىن چېكىنىپ چىقتى
- خىتاينىڭ غەرىپتىكى گازنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلىشى پۇتۇنلەي تاماملاندى