ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 مىليون توننىدىن ئاشتى


2004.10.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى نېفىتلىك بايقىلىپ ھازىرغىچە بولغان 55 يىل ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى نېفىت قېزىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 300 مىليون توننىدىن ئاشۇردى.

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تارىم، جۇڭغار ۋە تۇرپان-قۇمۇل ئويمانلىقىدا ساقلىنىۋاتقان نېفىت، تەبىئي گاز ئومۇمىي بايلىق مىقدارىنىڭ 30 مىليارد توننىغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ پۈتۈن خىتاينىڭ قۇرۇقلۇقتىكى نېفىت بايلىق مىقدارىنىڭ 1/4 قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى مەلۇم قىلماقتا.

خىتاي بولۇپمۇ -20ئەسىرنىڭ -90يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت-تەبىئى گاز بايلىقىنى ئېچىش ئىشلىرىنى ئالاھىدە تېزلەتكەن بولۇپ، -1990يىلى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 7مىليون توننا بولغان بولسا، نۆۋەتتە 300 مىليوندىن ئاشقان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نېفىت قىدىرىش پىلانى ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر سەزگۈر مەسىلە بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايلىقلاردىن يەرلىك خەلقلەرنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلمىغانلىقىدىن نارازى بولماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.