ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي نېفىت شىركەتلىرى، 2004 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 22 مىليون 600 مىڭ توننا نېفىت قېزىۋالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ بىر يىل خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا تارىختىكى ئەڭ كۆپ نېفىت قېزىۋالغان بىر يىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تارىم ۋە قۇمۇل - تۇرپان ئويمانلىقىدىكى خىتاي نېفىت شىركەتلىرىنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە ساتقان خام نېفىتى، 40 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، 19 مىليارد 500 مىليون يۈەن ساپ كىرىم قىلغان. ھازىر دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتى، تارىم نېفىت شىركىتى، قۇمۇل - تۇرپان نېفىت شىركىتى شۇنداقلا خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر نېفىت قېزىش سۈرئىتى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتمەكتە.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1990 - يىلدىن 2004 - يىلغىچە، ئۇيغۇر ئىلىدا نېفىت قېزىش مىقتارى يىلىغا 111 توننىدىن ئېشىپ بارغان. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئاپتونوم رايون بويىچە 2004 - يىلى قېزىۋېلىنغان 22 مىليون 600 مىڭ توننا خام نېفىت، شۇ بىر يىل ئىچىدە خىتاي قېزىۋېلىنغان ئومۇمى نېفىت مىقتارىنىڭ 13 ٪ نى ئىگىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق مۇتەخەسىسلەر ئەمىلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن كۆپ يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاينىڭ تۈزۈمى بويىچە ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەبئىي بايلىقلارغا ئۇيغۇرلار ئىگىدارچىلىق قىلالمايدۇ. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشىگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي مەنبەئەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر دىھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى 1000 يۈەنگە يەتمەيدىكەن.(ئەركىن)