خىتاي نېفىت گۇرۇھى 2004 - يىلى 110 مىليارد يۇەن پايدا ئېلىپ رېكورت ياراتتى


2005.01.14

خىتاي دۆلەتلىك نېفىت گۇرۇھى 2004 - يىلى 110 مىليارد يۇەن يەنى 13 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئېلىپ، خىتاي ئېنېرگىيە كىرىمىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت خوجايىنى ھېسابلىنىدىغان بۇ نېفىت گۇرۇھى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 2003 - يىلىغا قارىغاندا 50٪ كۆپ پايدا ئالغان.

خىتاي دۆلەتلىك نېفىت گۇرۇھى چىقارغان بۇ دوكلاتىدا قانچىلىك پايدا ئالغانلىقى شۇنداقلا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قانچىلىك يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا خىتاينى ئاساسلىق نېفىت ۋە تەبىي گاز بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىغا تۇتقان سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ، ئۇلار ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى يۆتكەپ، خىتاينى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى باي قىلىپ، بايلىقلارنىڭ ئىگىسى بولغان يەرلىك خەلقلەرنى ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشتۈرمەيۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.