چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بايلىقلىرىدىن مەنپەئەتلىنەلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بىر پەيتتە، مايتاغ شەھىرىدە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 8 - فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 27 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، پىلان بويىچە مەزكۇر قۇرۇلۇش 2008 - يىلى رەسمىي پۈتۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىكەن.
خىتاينىڭ غەربتىكى ئەڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت - خىمىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدىغان، مايتاغ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مەبلىغى 34 مىليارد يۈەنگە، يىللىق سېتىش قىممىتى 26 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن. (ئەقىدە)