دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتى، كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نېفىت پىششىقلاش شۇنداقلا نېفىت - خىمىيە سانائىتىگە 27 مىليارد يۈئەن مەبلەغ سالىدۇ. بۇ خىتاينىڭ نېفىت ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، خىتاي نېفىت شىركىتى بۇ مەبلەغنى مايتاغدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن.
مايتاغدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىنىڭ ھازىرقى يىللىق نېفىت پىششىقلاش ئىقتىدارى 6 مىليون توننا بولۇپ، 2008 - يىلغىچە 10 مىليون توننىغا چىقىرىشنى پىلانلىغان. مايتاغدىكى ئېتىلىن زاۋۇتىنىڭ ھازىرقى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتى 220 توننا. "جەنۇبىي جوڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نېفىت شىركىتىدىكى دائىرىلەر، ئېتىلىن زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى بىر مىليون 220 مىڭ توننىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
"خىتاي نېفىت گېزىتى" مايتايدىكى نېفىت قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش پىلانى " دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسىمى،" دەپ كۆرسەتتى. مايتاغدىكى نېفىت ئەسلىھەرىگە مەبلەغ سېلىش پىلانى، قازاقىستاندىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىچە بولغان 1200 ك م ئۇزۇنلۇقتىكى نېفىت تۇرۇبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ تۇرۇبا بىلەن يىلدا قازاقىستاندىن كېلىدىغان 10 مىليون توننا نېفىتنى توشۇيدۇ. خىتايلار 2011 - يىلغىچە نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ يىللىق نېفىت توشۇش ئىقتىدارىنى 20 مىليون تونىغا چىقىرىدىكەن. قازاقىستان بىلەن مايتاغ ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدا 2004 - يىلى 8 - ئايدا ئىش باشلانغان. (ئەركىن)
