خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىم نېفىتلىكى بۇ يىل 3 مىليارد يۇەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇنى نېفىت قىدىرىش ئىشلىرىنى تېزلىتىش ۋە غەربتىكى گازنى شەرققە يۆتكەش گاز تۇرۇبىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىكەن.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تارىم نېفىتلىكىنىڭ بۇ يىللىق ئاساسىي نىشانى، تەۋەككۈل قىدىرىش ئىشلىرىنى كۈچەيتىش ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن ستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ بايقاش ۋە بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەن.
تارىم نېفىتلىكى بۇ يىل ئىچىدە يەنە، بۇ يەرگە قاراشلىق "قارا ئىككىنچى" دەپ ئاتالغان تەبئىي گاز رايونىنى خىتاي بويىچە بىرىنچى ۋە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىلغار تەبىي گاز رايونى قىلىشقا تىرىشىدىكەن.
خىتاي دۇنيادا ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇپ، نۆۋەتتە خىتايدىكى 2/3 قىسىم ئۆلكىلەردە يەنىلا ئېلېكتىر يېتىشمىگەنلىكتىن، خىتاي تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجلىق بولماقتا.
خىتاي دۆلەت ئىچىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىش ۋە ئۇنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتىن سىرت، چەتئەللەردىكى نېفىت بايلىقىغىمۇ نەزەر تاشلاپ، ھازىرغىچە 20 نەچچە دۆلەت بىلەن 48 تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تۈزگەن. (پەرىدە)