خىتاي نېفىت- خىمىيە شىركىتى، ئۇيغۇر ئىلىدا نېفىت سانائىتىگە يەنە مەبلەغ سالىدۇ


2005.03.04

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى جوڭگو نېفىت - خىمىيە شىركىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا يېڭى نېفىت قۇدۇقلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن 5 .5 مىليارد يۈئەن مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغان. بىراق خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتىدىكى دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە باھا بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆتكەن يىلى خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىتلىكلەردىن ھەجىمى بىرت مىليارد 200 مىليون ۋارىل كېلىدىغان زاپاس نېفىت قاتلىمى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. "ۋېن ۋېي ‘گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى تېپىلغان مەزكۇر نېفىتلىكتە بىر مىليارد 80 مىليون توننا خام نېفىت شۇنداقلا 59 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى يېقىندا خىتاي نېفىت شىركەتلىرىنىڭ مايتاغدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىشكە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ھازىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى جوڭگو نېفىت شىركىتى، جوڭگو نېفىت - خىمىيە شىركىتى، جوڭگو خىمىيە سانائىتى شىركىتى شۇنداقلا جوڭگو دېڭىز نېفىت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىت قېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نېفىتلىكلەرنى ئېچىش، يەرلىكلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم پۇرسەت، دەپ قارىماقتا. بىراق بۇ قاراشنى تەنقىد قىلغۇچىلار، يەرلىكلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇنغۇنچىلىققا ئۇچرىشى قاتارلىقلار بىر قاتار مەسىلىلەر يارىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.