فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى قازاقسىتان- خىتاي نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى 240 كىلومېترلىق بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىغان .
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ غەربىي رايونىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىچە ئۇزىغان مەزكۇر نېفىت تۇرۇبا يولى 3000 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، قازاقىستان تەرەپ يولىنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنى ئۆتكەن سېنتەبىر ئېيىدا ياساشقا باشلىغان ئىدى .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2005 - يىلى دېكابىر ئېيىدا ئىشقا چۈشىشى پىلانلانغان، مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئارقىلىق قازاقىستاندىن ئېلىپ كېلىنىدىغان نېفىت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن ۋە ياكى يېڭى ياسىلىدىغان تۇرۇبا يوللىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقى رايونلىرىغا يۆتكىلىدىكەن .
خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلغان نېفىتنى پويىز ئارقىلىق يۈتكىمەكتە . (قانات)