خىتاي ئۇيغۇر ئىلىنى، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش رايونىغا ئايلاندۇرماقچى


2005.06.20

خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جىڭ پىيەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى نېفىت ۋە گاز مەنبەلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىچىپ، بۇ رايوننى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز بازىسىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىڭ يىقىندا ئۇيغۇر ئىلىغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى نېفىت ۋە تەبي گاز ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە رايوندا ئارقا- ئارقىدىن بايقالغان كەڭ كۆلەملىك نېفىت زاپاسلىرى نەتىجىسدە، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەمدى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تىزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، رايوننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازىدىن تولۇق پايدىنلىنش ۋاقتى كەلدى، دېدى.

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىم، جۇڭغار ۋە تۇرپان-قۇمۇل ۋادىلىرىدا يېڭى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىش ئۈچۈن پائالىيىتىنى تىزلىتىدىغانلىقىنى ۋە كېلەركى 5، 10 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتىنىڭ تەررەققىياتىغا ئەگىشىپ، رايوندا، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يوللىرى، تۆمۈر يولى ۋە تىز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئەۋج ئالىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.