تارىم نېفىتلىكى كۈندىلىك گاز مىقدارىنى 33 مىليون كۇپمېتىرغا يەتكۈزمەكچى


2005.07.28

خىتاي مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ تارىم نېفىتلىكى شىركىتى بۇ يىل ئاخىرىغا قەدەر كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 33 مىليون كۇپمېتىرغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

شىنخۇئا تورىدىن نەقىل كەلتۈرگەن مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇلتۇر 1 - سېنتەبىردە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، بۇ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە كېلىش مەنبەلىرىنى ياخشىلاش قۇرۇلمىسىدىكى مۇھىم بىر تارماققا ئايلىنىپ قالدى.

بۇ يىل تارىم نېفىتلىكى 6 مىليارد كۇپمېتىر گاز ئاققۇزۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىر كۈندىلىك ئاققۇزۇش مىقدارى 19 مىليون كۇپمېتىرغا يەتكەن. بۇ سان يىل ئاخىرىغا بارغاندا 33 مىليون كۇپمېتىرغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

تارىم نېفىتلىكىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىقلاپ چىققان تەبىئىي گازىنىڭ ئومۇمىي زاپىسى 664 مىليارد كۇپمېتىرغا يەتكەن بولۇپ، يىلىغا 30 مىليارد كۇپمېتىردىن ئاققۇزغاندا، مەزكۇر نېفىتلىك ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ شاڭخەي رايونىغا 20 نەچچە يىلغىچە بۇ گازنى ئاققۇزۇپ تۈگىتىدىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى يوقىرى تېخنىكا بىلەن تىز ۋە كۆپ مىقداردا يۆتكەپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا كۆپ يۈكسىلىش بولمىغانلىقىنى، كەڭ يېزىلاردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تېخىچە جىن چىراق يېقىپ، ئوتۇن قالاپ تاماق ئېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئىلتەبىر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.